مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى جېراد بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.29 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-دېكابىر چۈشتىن كېيىن تەكلىپكە بىنائەن ئالجىرىيە زۇڭلىسى جېراد بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس ئالدىدا ھېچكىم ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى − خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى، ۋاكسىنا − يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى». جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنا ساھەسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىۋى يېتىشچانلىقى ۋە چىقىنىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ، تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالجىرىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىلانلانغان چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  جېراد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئالجىرىيەنىڭ ئۇلۇغ دوستى. ئالجىرىيە تەرەپ ئالجىرىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى. ئالجىرىيە جۇڭگو بىلەن 2-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، چوڭ تۈر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالجىرىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ