مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2020.12.28 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ چېن شياۋجياڭنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، تاڭ رېنجيەننى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا، ۋاڭ ۋېنتاۋنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى ماقۇللاندى؛ باتېرنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، چېن شياۋجياڭنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش، خەن چاڭفۇنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىسىتىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، تاڭ رېنجيەننى يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش، جۇڭ شەننى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋڭ ۋېنتاۋنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 64-، 65-، 66-، 67-، 68-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 166 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇنغا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ يۇقىرىقى ئىككى تۈزىتىلمە لايىھەنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى ھەم مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېننى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا ئىزاھات بېرىشكە ھاۋالە قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى قارارى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. قارارغا ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، چېن خاۋ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ سۈن جىگاڭ، دۇ جياخاۋ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ ليۇ سىگۇي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ بايىن چاۋلۇ، يۈ ۋېيگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ لى شۇلېي، چېن شياۋجياڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ ياڭ لىنپىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سوت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق باشقا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئېمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بايماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى بەي چۈنلى «دۇنيا پەن-تېخنىكىسى ئالدىنقى سېپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ