مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2021.01.04 19:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ روشەن مەدەنىيەت مەيدانى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بىز «تەكلىپ» روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك

  مەدەنىيەت − ھەم كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى ۋاسىتە، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تىرەك، ھەم خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەتنىڭ زور گۈللىنىشى بولمىسا، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت بولمايدۇ؛ مەدەنىيەت بەخت تۇيغۇسى بولمىسا، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بولمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ