مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم

2020.12.25 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا: دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىشلار ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بۇ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىش − ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ھەم دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور تېما.

  چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتى ئىچكى قانۇن، چەت ئەل قانۇنى، خەلقئارا قانۇن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھالقىلىرى كۆپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىققا ئالاقىدار مەزمۇنلار بار. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتى يەنە دۆلەتلەرئارا باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا قانداق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. نۆۋەتتە، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى قانۇنى بىلەن چەت ئەل قانۇنى، خەلقئارا قانۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق خىزمەتلەرنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ