شى جىنپىڭ گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملانغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى

2020.12.31 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى. جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملانغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020-يىلى دۇنيا ۋە جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش چوڭقۇر گىرەلىشىپ، تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-ياۋروپا قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ يىل ئىچىدە جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاش كۆزلىمە نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ تەڭپۇڭ بولغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىدىغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ چوڭ بازار ئىجازىتى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىجارەت-سودا مۇھىتى، تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پارلاق ھەمكارلىق ئىستىقبالى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازار مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، ياۋروپا ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى يارىتىدۇ. ياۋروپانىڭ ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021-يىلى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ پائال نەتىجە يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، يېڭى باشلىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاكسىنىنىڭ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادىل تەقسىملىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەتتە پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بالدۇرراق ئىزىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەم ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەبىئىي مۇھاپىزەت خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

  بەشىنچى، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايونلارنىڭ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ياۋروپا تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى زىچ ساقلاپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈن بىز كۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. بۇ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئارزۇسى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك بولۇپ، ياۋروپا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، كۈچلۈك بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان مۇھىم، زور تەدبىرلىرىگە قايىل، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللاپ، يېڭى بىر يىلدا زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم، زور ئالاقە قارالمىلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئورتاق بىلدۈردى.

  ليۇ خې، ياڭ جيېجى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ