مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.29 19:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-دېكابىر كەچتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى ھەم جۇڭگو-رۇسىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مىسلىسىز خىرىس پەيدا قىلدى، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى، دۇنيا داۋالغۇپ ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە جانىجان قىممىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دە بېكىتىلگەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتۈش ئىدىيەسى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت پىرىنسىپى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق نامايان بولىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى شەرتنامە ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى قۇۋۋىتىنى زورايتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسى، كەسىپ ساھەسىنىڭ ئەتراپلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇستەقىل قىممەتكە ئىگە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، باشقا ھەر قانداق ئامىلنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتكە بېسىم ئىشلىتىش، ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ھەر قانداق سۇيىقەستكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ ھەم خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلالايدۇ. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا قوللىشىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. كېلەر يىلى ئىككى تەرەپ «رۇسىيە-جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدۇ، بۇ، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە. رۇسىيە رۇسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچ چىقىرىدۇ. مەن سىز بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمەن. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللىشىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق دائىملىق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ