مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق ئىمزالىدى

2020.12.24 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق ئىمزالىدى، «نىزام» 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە خىللىرى قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش» ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات سىستېمىسى قايتا بەرپا قىلىنىپ، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتى بەرپا قىلىش مۇھىم قوللانمىغا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  «نىزام» ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى تۈزۈلمىسى، ھەربىي ھەرىكەت ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى، كۈندىلىك ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى، ئارقا سەپ تەمىنات ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە مەشىقى، ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشى، ئارقا سەپ تەمىناتىنى باشقۇرۇش، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت سەككىز باب، 40 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ، ئارقا سەپ تەمىنات ساھەسىدىكى ئاساسلىق قانۇن-نىزام ھېسابلىنىدۇ. «نىزام»دا ئۇرۇش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇرچ، ۋەزىپىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ماسلىشىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىش تۈزۈم مېخانىزمى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى قوماندانلىقى ۋە كاپالەت مۇناسىۋىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى شەكلى، ئۇسۇلى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرىكەتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ تەمىناتى ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ