مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى؛ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى (لايىھەسى)» ۋە «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2020.12.23 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى؛ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى (لايىھەسى)» ۋە «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ يىل پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان قوللىشىنى زورايتىش، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ئىككى تۈرلۈك بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى ئوتتۇرىغا قويدى: يەنى يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا بەلگىلىك ئىلھام بېرىلدى ھەم يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشىغا ئېتىبار بېرىش مەبلىغى بىلەن مەدەت بېرىلدى. سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، 3 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، لېكىن كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە دۇچ كەلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارغا يەنىلا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى تىرىشىپ ساقلاش ئۈچۈن، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، كېلەر يىلى 1-پەسىلدە ئەسلىدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇشۇ ئاساستا سىياسەت مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۇزارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتىش، بانكا بىلەن كارخانا ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بېكىتىش كېرەك. قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى بېجىرگەن ھەمدە مۇددىتى ئالتە ئايدىن كەم بولمىغان يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارغا قارىتا، داۋاملىق قەرز پۇلنىڭ دىرىنىڭ %1 ى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئىناۋەتلىك قەرز بىلەن قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارغا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقىتىلىپ، قەرز پۇلنىڭ دىرىنىڭ %40 ى بويىچە داۋاملىق ئېتىبار بېرىش مەبلىغى بىلەن مەدەت بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى ياخشى يولغا قويۇش ۋە مۇۋاپىق ئۇزارتىش كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق چارىسى ئارقىلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. يىغىندا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش، ئېلان ۋە مەبلەغنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلدى. لايىھىدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ مەمۇرىي، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى ۋە مەبلەغنى قايتۇرۇش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا قاتناشقۇچىلار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئاقىۋەت قاتارلىقلار توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. لايىھەدە يەنە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يىغىندا «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، كارخانا، تەتقىق قىلىپ ياساش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكىگە بولغان مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى تولۇقلاندى، مەھسۇلاتنىڭ بىردىنبىر بەلگىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈشنى ئۇزارتىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى كۆپەيتىلدى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە سوممىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە جاۋابكارلارغا ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش، ساھە ۋە بازارغا كىرىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق قاتتىق جازالار قوللىنىلىدۇ، جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ