مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باشتىن-ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە سوزۇلغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2020.12.23 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانى، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ نۇقتىلىق سۇ رايونلىرىدا بېلىق تۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش» ئۇزاق مۇددەتلىككە، مۈشكۈللۈككە، مۇرەككەپلىككە ئىگە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بوشاشماي تىرىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە سوزۇلغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  خەڭ جېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى ياخشى تۇتۇپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى، توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تورىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا توقۇپ، كەڭ بېلىقچىلارنىڭ چېكىنىپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئۈچ يوق» كېمىلەرگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «تۆتنى تازىلاش، تۆتنى يوق قىلىش»نى دائىملاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ، «بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچلۈك بولۇش، ۋاسىتە بولۇش، باشقۇرالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا قاتتىق زەربە بېرىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، «بېلىق تۇتماسلىق، بازاردا ساتماسلىق، ئاشخانىدا ئەتمەسلىك، ئامما يېمەسلىك»تەك ياخشى كەيپىياتنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىدا بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن باشقۇرۇش رايونلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قانۇنسىز بېلىقچىلىق كېمىلىرى، تورلارنى تازىلاپ مەنئى قىلىش، ئالاقىدار دېڭىز-ئوكياندا بېلىق تۇتۇشنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈشتە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئالاقىدار ئۆلكىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشتىكى نۇقتىلىق شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. جياڭسۇ، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ