مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

2020.12.23 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.» خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشتا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تارىخىي بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مائارىپ ئەنئەنىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.» ئالىي مەكتەپلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە پەن قۇرۇلۇشىنى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ئالغا سىلجىتىپ، پەننىڭ تىرەك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تۈرلۈك دەرسلەرنىڭ ماس بىرىكمە كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدىيەۋى-سىياسىي كىچىك دەرسخانا بىلەن جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى نۇقتىلىق تاۋلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس قىلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئوقۇتقۇچى − ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن.» پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، ئىجادچان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش − مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن-كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك. پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرى قاتناشقان جۇڭگوچە پېداگوگىكا مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ