مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئارزۇلارنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك

−− «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىش ھەققىدە (2)

2020.12.23 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئامما بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈپ، بىرلىكتە ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلدى. «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دەيدىغان تەنتەنىلىك ۋەدىدىن تارتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنىڭ تۆۋەن چېكىگىچە، ئاندىن «قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق»تەك ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتەك مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق دەۋرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زور بايانلار بولسۇن ياكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك تورلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلسۇن ۋە ياكى مەمۇرىيەت APP سى سىجىل سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىش قىيىنچىلىقى قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك كىچىك ئىشلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىش بولسۇن، پارتىيەمىز خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىنكاسى كۈچلۈك، تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش − دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپتۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئابستراكت، سىرلىق ئۇقۇم ئەمەس، ئۇنى ئېغىزدىلا، ئىدىيە ھالقىسىدىلا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.» يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا، ياشاش ۋە تەرەققىيات، ماددىي ۋە مەنىۋىلىك، ئۈنۈم ۋە ئادىللىققا تېخىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ