مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم

2020.12.23 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ نىشان-تەلىپى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش − ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. «تەكلىپ»تە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، «14-بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش − ھەم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ھەم مۇھىم كاپالىتىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنىڭ بايلىق تەقسىملەش، مالىيە كۈچى كاپالىتى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، 2035-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش شەرت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ