مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم

2020.12.24 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ) − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. «تەكلىپ»تە، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ چوڭ ئايلىنىشىغا قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. خەلقئارادىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت چىگىش، مۇرەككەپ بولماقتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتى پەرقى بىرقەدەر چوڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىدە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يەنە ئاجىز تۈرلەر بار.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىستا يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ. چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش شەرت. شۇڭا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ