مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.24 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، تەكلىپكە بىنائەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىگە ئاكتىپ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. بىز ئىسپانىيە بىلەن سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. ئىسپانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشىنى قارشى ئالىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىتتىپاق، ئاۋات ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ، ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى قاتارلىق ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سانچېز مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسپانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشىنى خالايدۇ. ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ھاسىل قىلىشنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ يەر شارىدا ئومۇملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتناشتى.



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە تەكلىپكە بىنائەن گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو-گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىلىك بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش شەرتىدە ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش مۇساپىسى مۈشكۈل. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى مۇسبەت ئاشۇرۇشقا ئىشەنچى بار. بىز ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش تەدبىرلىرىنى بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قىلىپ تەرتىپلىك تەڭشەپ، بۇرۇلۇشقا ئالدىرىمايمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىشىنىمىزكى بۇ جۇڭگو-گوللاندىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ.

  رۇتتې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو گوللاندىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. گوللاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ھاسىل قىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ