مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2020.12.24 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەركىزىي بانكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي بانكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنى پۇختىلاش ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 1948-يىل 12-ئايدا قۇرۇلغان، 1984-يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس مەركىزىي بانكا فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بانكا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «چارە-تەدبىرلەر تۈمەن خىل بولسىمۇ، پۇلنى باشقۇرالمىسا، ھىچقايسىسى كارغا كەلمەيدۇ»، «پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم»، «مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇھىم»، «پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ دۇنياۋى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش شارائىتىدىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم»، دەپ كۆرسىتىپ، ھازىرقى زامان مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنىڭ مەزمۇمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يىغىنچاقلىدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش چىقىش قىلىنىپ، زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قويۇپ، زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىشقا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى، بۇ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  زامانىۋى مەركىزىي بانكا تۈزۈمى بەرپا قىلىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى − ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم، پۇل − پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاساسى، مەركىزىي بانكا پۇل ئۆتكىلىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان مەركىزىي بانكا تۈزۈمى − زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ