مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تېزىسى لايىھەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، تېزىس لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنۇلار تەكىتلەندى

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىلان تېزىسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك

خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.12.25 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تېزىسى لايىھەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، پىروگرامما لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇزاكىرە قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپى» بويىچە، «تېزىس لايىھەسى»نى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىگە سىڭدۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلەرگە بولغان ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈشتە ھازىر ۋە كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. 5-ئومۇمىي يىغىندا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ تەرەققىياتى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى، شۇنداقلا 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىلنىڭ ئاخىرى، ھەتتا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بىرتۇتاش مۇھاكىمە قىلىندى. «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈشتە ھەم كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات بىلەن 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش، ھەم كېلەر يىلىدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئىقتىسادنىڭ نورمال ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشتەك ئالاھىدە ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «14-بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىپ ھەم كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يەنە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى سانى خېلى زورايدى، كەلگۈسى بەش يىلدا مۇۋاپىق سۈرئەت بىلەن مۇقىم يۈكسەلسە، جۇغلانما قالتىس مۇۋەپپەقىيەت بولىدۇ. كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، يەنە مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قارىغۇلارچە يايما يايماي، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تېزىس لايىھەسى»نى ھەرقايسى مەخسۇس يىرىك پىلان، يەرلىك يىرىك پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەم ئېھتىياجغا قاراپ، ھەم ئىمكانىيەتنى ئويلىشىپ، نىشان ۋە ۋەزىپىنى ياخشى ئىگىلىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنى يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشكە يېتەكلەپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تېزىس لايىھەسى»نى تۈزۈشتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىنىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «تېزىس لايىھەسى»دە ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسىنى گەۋدىلىك قوللىنىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىق يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلاردا تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئورتاق قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتكۈل خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلىشىدىن كەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، داۋاملىق پۇختا، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. كېلەر يىلى «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ