مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2020.12.25 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى − شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش بولدى. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانلىرى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش − قانۇنشۇناسلىق ساھەسى، قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسىدۇر.

  كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆپ تەپەككۇر قىلىش، كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىستېمىلىق ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە رەھبەرلىكى − دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر

  شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كىم رەھبەرلىك قىلىش مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتىنى ئىلمىي كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ جېنى.» پارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويغاندىلا، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى، دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «11دە چىڭ تۇرۇش» ئىچىدە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى دەل پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئومۇمىيلىق، ھەل قىلغۇچ ئورنىنى تولۇق نامايان قىلىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ