ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى

2020.12.28 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24-، 25-دېكابىر دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش باش تېما قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، شەخسىي ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشقا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇردى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ، سۆز ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «2020-يىلى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»ى ۋە «شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»ىغا قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ، تەلەپ بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە مۇنداق بەش مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ۋە نامايان قىلىندى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش؛ تۆتىنچى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «14-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەرنى بايرىقى روشەن ھالدا تەنقىدلەپ ۋە تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتىي قارشى تۇرۇش.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدى بىلەن مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، جەمئىيەت ئومۇملۇقى مۇقىم بولدى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، زور خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، كەلكۈن ئاپىتى كۆپ جايلاردا يۈز بەردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات زەربىگە ئۇچرىدى، تاشقى مۇھىتتا كۈچلۈك ئۆزگىرىش بولدى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، جەمئىيەت، خەلقئارا، تەبىئەت قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن خىرىسلار كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. تەيشەن تېغى بېسىپ چۈشكەندەك خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بۇ ئالاھىدە بىر يىلدا ئاجايىپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، زور تارىخىي پەيت، زور سىناق ئالدىدا، رەھبەرلىك كۈچى ئەڭ ئاچقۇچلۇق شەرت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت كۈچى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئەمەلىيەتچانلىققا، دەۋرىيلىككە، ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بارلىق ئەمەلىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلمىي كۆرسەتمە. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، نەزەرىيە ساپاسى، سىياسىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىسىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2012-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ھەققىدىكى سەككىز بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن بۇيان، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىز ئىلگىرى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان بەزى ناچار كەيپىياتلارنى توسۇپ قالدۇق، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلالمىغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى كۈچەپ يېنىكلىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق داۋالاپ، بىرلىشىپ زەربە بېرىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى تېخى تۈگىمىدى، تۇپراق يەنىلا مەۋجۇت، تۈزەشتىن باش تارتماسلىق، خىزمەتلەرنى بوشاتماسلىق ئىرادىسى، قايتا چىڭ تۇتۇش، قايتا-قايتا چىڭ تۇتۇش ئىرادىسى بىلەن، مىخلاش روھى بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى، «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: كېلەر يىلى «14-بەش يىللىق» پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بارلىق خىزمەتلەرنى ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «14-بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئاساسلىق نىشانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى نىشانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ھەرقايسى خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىل تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ھەققىدە قىلغان سۆزىگە باھا بېرىپ، نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى يەكۈنلىدى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «بەلگىلىمە»،«يولغا قويۇش تەپسىلاتى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى، كۆپچىلىك نەتىجىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار، دەپ قارىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. پارتىيە دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان ئۆزگىرىش، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى − پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. پارتىيەمىز باشتىن ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىگە سىياسىي نەزەر بىلەن قاراشقا، سىياسىي ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش كۈچى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش كۈچى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش ___ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل سىياسىي ئۈستۈنلىكى. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ ___ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى توغرا تاللاپ، نىشاننى توغرا نىشانلاپ، مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىينى تەكىتلەش تەلىپىنى سىرتقى تەلەپتىن ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىينى تەكىتلەشتە، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تارىخىي مۇساپىسى بۇ قائىدىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. سىياسىيدىكى تەشەببۇسكارلىق ئەڭ پايدىلىق تەشەببۇسكارلىق، سىياسىيدىكى پاسسىپلىق ئەڭ خەتەرلىك پاسسىپلىق. سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى چوڭ بىلىپ، خەلقنى مۇھىم بىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنى ئىلىمىي ئىگىلەش، ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇش، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ، ئومۇمىي، يىراقنى كۆرەر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەر تەتقىقات پىلانىنى كۈچەيتىپ، زور مەسىلە ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەردە كاللىسىنىڭ ئالاھىدە سەگەك، كۆزىنىڭ ئالاھىدە روشەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى ئىشلاردا سىياسىي مەسىلىلەرنى بايقاشقا، ئېغىش خاراكتېرلىك، ئالامەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە سىياسىي جەرياننى بايقاشقا، مۇرەككەپ زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتتە سىياسىي لوگىكىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي مەيدانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشتىن قېيىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىينى تەكىتلەشتە سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىل ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەشكىللىگۈچىلەر ۋە تۈرتكە بولغۇچىلار بولۇپ، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش كۈچىنى تېخىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا كۆڭلىدە سان بولۇشى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىينى تەكىتلەشتە سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى بىلەن دائىم سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق، يولدىن قېيىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىل، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى خىزمەتلەرگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئىشنىڭ باشلىنىشىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئادا قىلىپ، مەسىلىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلىنى يوشۇرماي، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىينى تەكىتلەشتە قاتتىق تەلەپچان بولۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار تەلەپچان بولۇشى، باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغاندا، ئىشنىڭ دەسلىپىدە ئىنچىكە ئىشلاردا، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى، ئۆز ئىززىتىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش قەدىرلىشى، پاك دىيانەتلىك ئادەم بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن پاك ئىدارە قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئالاھىدە ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەركەزلىك نۆۋەت ئالمىشىشقا باشلايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار نۆۋەت ئالمىشىشنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنى شەخس بىلەن تەشكىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلىشى، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ھەققىدە نۇرغۇن ناھايىتى ياخشى پىكىر، تەكلىپلەرنى بەردى، بۇنىڭ بەزىلىرى مەركەزنىڭ خىزمىتىگە، بەزىلىرى تارماقلارنىڭ خىزمىتىگە، يەنە بەزىلىرى يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك، يىغىندىن كېيىن چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ