مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش لازىم

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە)

2021.01.04 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش − تارىختىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىش-خارابلىشىش تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز تەرەققىيات مۇھىتىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، چوڭقۇر نەزەرىيەۋى لوگىكا، تارىخىي لوگىكا ۋە زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى مۇھىم تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. 2014-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، خەۋپ-خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىمىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ نەزەرىيە كۈچى ۋە ئەمەلىيەت خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش − ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەۋپسىزلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات − خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى، دەپ تەكىتلەپ، بۇ ئىككىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلەپ بەردى. تەرەققىيات − پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بولمىسا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى − دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشىدۇر. دۆلەت خەۋپسىزلىكى بولمىسا، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرمۇ قولدىن كېتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ