شى جىنپىڭ 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىدۇ
2020.12.31 17:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ سائەت 7دە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىدۇ. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئاخبارات قانىلى، جۇڭگو تىلى خەلقئارا قانىلى، 4K قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى چەت ئەل تىلى قاناللىرى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ھەمدە خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابونتلار تېرمىنالى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى قارىمىقىدىكى تور بېكەتلىرى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا دەل ۋاقتىدا كۆرسىتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ