مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2020.12.30 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ___ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، مەمۇرىي نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»دا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  «نىزام»دا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت چېكى ۋە يولغا قويۇش سۇبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدۇ. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تارماق، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماق، شۇنداقلا ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قاراشلىق تارماقنى كۆرسىتىپ بەرسە ياكى ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

  «نىزام»دا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بېكىتىلدى. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي باشلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى بېكىتىدۇ. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە سۆھبەتلىشىش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش، باھالاش، پۈتۈشۈپ سۆھبەتلىشىش، كۆپەيتىلگەن ماتېرىياللارنى ئالدۇرۇپ كۆرۈش، «ئالاقە تورى+نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلسا بولىدۇ. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش يەكۈنىنىڭ پاكىتى ئېنىق، ئىسپاتى تولۇق، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشى كېرەك، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قايتا سېلىشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، تەنقىدلەش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، شۇنداقلا مۇۋاپىق بولمىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

  «نىزام»دا ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىش كېرەك بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋەزىپە ھوقۇقى دائىرىسىدە ماسلىشىشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشىغا، ساختىلىق، يالغانچىلىق قىلىشىغا، دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشى، يوشۇرۇۋېلىشى، يوقىتىۋېتىشىگە بولمايدۇ.

  «نىزام»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە قېتىم سانى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىنى قاتتىق كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتمەسلىك، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەسلىك، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ نورمال خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، تەكرار نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆپ ياقلىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ