مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى كادىرلارنىڭ چاتاق چىقىشتىن قورقۇپ ئىش قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ شەخسىي غەرىزىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى

2020.11.24 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتىكى ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا ئالدىدا تۇرماقتا، لېكىن بەزى يولداشلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەگىپ مېڭىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولمايۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئىشنى قانچە كۆپ قىلغاندا، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ»، «تۆھپە ياراتمىساق مەيلى، لېكىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»...

  چاتاق چىقىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئىش قىلماسلىق گەرچە ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇلسا، كادىرلار قوشۇنىنىڭ روھىغا تەسىر يېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنداق خاتا تونۇش ۋە ئىدىيەۋى خاھىشلارنى چوقۇم تۈزىتىش كېرەك.

  ئالدى بىلەن «خاتالىق» بىلەن «سەۋەنلىك»نىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئادەتتە سۇبيېكتىپلىقنى تەكىتلەيدۇ؛ سەۋەنلىك بار بولۇشتا ئوبيېكتىپلىق گەۋدىلىنىدۇ. پارتىيەمىز پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى تەكىتلەپ كەلدى. جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتە سۈرۈشتۈرۈلىدىغىنى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەردۇر؛ بىراق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سەۋەنلىكلەرگە يەنىلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولسىمۇ، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمەسلىككە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.

  موللاق ئاتقان ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىشى ھەرگىزمۇ ئىشنى كۆپ قىلىپ سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولماستىن، بەلكى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن قەستەنلىك بىلەن قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغان. خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك، ھوقۇق-پۇل سودىسى قاتارلىق قىلمىشلارغا پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ۋە خەلق ئاممىسى ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ.

  چاتاق چىقىشتىن قورقۇپ ئىش قىلماسلىق − سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى بىلەن زادىلا چىقىشالمايدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئىش قىلماسلىقى ئۈچۈن بۇنداق باھانە ئىزدەيدۇ؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا شەخسىي غەرىزى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىندۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، چىرىكلىشىپ ئۆزىنى سەمرىتىش بوشلۇقى بارغانسېرى كىچىكلىدى. بەزىلەر بىئارام بولدى، پايدا ئالالمايدىغان بولدى، ئۆزى پاسسىپلىق، سۇسلۇق قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلماي، يەنە بۇ بىر يۈرۈش پاسسىپ سۆزلەرنى توقۇپ چىقتى. بۇنداق قاراش ۋە ئۇسۇل ئاقمايدۇ.

  كادىرلار ئىش قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىش قىلماسلىقىنىڭ ئۆزى خاتا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسا ھامان جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىزمەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بەزى رەھبىرىي كادىرلار مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ئىش قىلماي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماي، «كىچىك ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى، چوڭ ئىشنىڭ پارتىلاپ چىقىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ھازىر «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلىنىش، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ياخشى قەدەم تاشلاش ئۈچۈن، پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندىلا، تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ