مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

2020.11.20 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق باسقۇچ. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكىچە تارىخىي، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشى، 2035-يىلى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن سىجىل ئىلگىرى سۈردى. 2018-يىلى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى رەسمىي بېكىتىلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتى، مۇھىت بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتى، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ ھەر قايسى ئامىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «نېمە ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىش» قاتارلىق زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ