مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش لازىم

2020.11.20 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تەرەققىيات − پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى − دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. «بىز چوقۇم تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ تولۇق مۆلچەرلەپ، خەۋپ-خەتەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىشىمىز كېرەك. يوچۇقلارنى توسۇش، ئاجىزلىقلارنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك». «قانچە ئېچىۋېتىلگەنسېرى، بىخەتەرلىككە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆز رىقابەت ئىقتىدارى، ئېچىۋېتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىيات − بىر گەۋدىنىڭ ئىككى قانىتى، قوزغىتىشنىڭ قوش چاقىدۇر.» ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىدە، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دىئالېكتىك بىرلىككە كېلىدۇ. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا مۇناسىۋەتلىك. بىخەتەرلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەرقانداق بىر ساھەدە بىخەتەرلىك خەۋپى كۆرۈلسە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى، ھەتتا دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. تەرەققىيات − بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك.

  نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىن ئۈمىد بار، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلساق، بىز چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ