مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ھەر خىل غەلىتە ئىسپاتلارغا بولدى بەس!

2020.11.23 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىسپاتلاش ئىشلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى رەسمىي تارقاتتى. 2015-يىلى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى قاتارلىق جايلار كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە ئالاقىدار بىر قىسىم ئىشلاردا ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن، 2019-يىلى 13 ئۆلكە (شەھەر) ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەش تارمىقى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقىچە، ئالاقىدار ئىسلاھات ئەمەلىيىتى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلدى، بۇ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كىنىشكا بېجىرىش كۆپ بولۇش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى − مەمۇرىي ئورگانلارغا مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگانلار ئىسپات مەجبۇرىيىتى، ئىسپات مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي بولمىغان ۋەدىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما شەكىلدە بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇقتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەمدە ئەمەلىي بولمىغان ۋەدىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە يازما ۋەدە بېرىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرگەندە، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىسپات ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  ئىش بېجىرىش تەس بولۇش، كىنىشكا بېجىرىش كۆپ بولۇش − تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات قەدىمى تەرەققىيات تەلىپىگە يېتىشەلمەي، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە يېتىشەلمەي قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، مۇھىمى يەنە ئىسلاھاتنى ئەمەليەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دەرىجىسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بولغان ئۇقتۇرۇش ۋە ۋەدە بېرىش ئىشلىرىنى بېكىتىشىدە بەلگىلىك قىيىنچىلىق بار. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن سىستېما خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ جايلار قەدەممۇ-قەدەم بېجىرىپ، خىزمەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، «ھەممە ئىشتا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاش»، «ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە رەسمىيەتچىلىك قىلىش»تىن ساقلىنىشى كېرەك. «سىستېما بىلەن بۆلەكنى بىرلەشتۈرۈش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش __ ئۇقتۇرۇش، ۋەدە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتىدۇر.

  نوپۇس باشقۇرۇشتىن سالاھىيەت ئىمتىھانىغىچە، بازار سۇبيېكتىنىڭ تىجارەت ئىجازىتىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردىمى بېرىشكىچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچە زىچ بولغان ساھەلەر ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن شۇنچە مۇناسىۋەتلىك. «ئىسپاتنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، «ئىسپات بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇقرالارنى تېخىمۇ رازى قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ