شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2020.11.20 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  ■ دۇنيا ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  ■ جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز. بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىمىز. ئىككىنچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز. ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغىتىمىز.

  ■ جۇڭگو ئاللىبۇرۇن دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا سىستېما بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشتۇر. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قوزغىتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج يارىتىپ بېرىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا − ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى − ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ بىر-بىرىگە زىچ باغلانغانلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭ ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمراھلىق روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمىدى. بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز.

  بىرىنچى، بىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىمىز. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېھتىياج ئارقىلىق تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرىمىز؛

  ئىككىنچى، بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى بەرپا قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز؛

  ئۈچىنچى، بىز ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىمىز. تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارەتكە كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توساقلىرىنى تۈگىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بۇرۇنلا دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا سىستېما بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ بولدى. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش.

  −− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاستىدا، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق ئۇرغۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج يارىتىلىدۇ. بىز تاموژنا بېجى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئىمپورت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى كېڭەيتىمىز.

  −− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يەنىمۇ كەڭ ئېچىلىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىن ئىلگىرىكى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مۇلازىمەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھ قىلىش، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.

  −− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاستىدا، جۇڭگو تاشقى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلىمىز. ئومۇمەن جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەت، رايون، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىمىز. بىز كۆپ تەرەپچىللىك ۋە تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى − بىزنىڭ ئورتاق يۇرت-ماكانىمىز. بۇلتۇر، مەن ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارزۇنى قەدەممۇ- قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، غەلىبە جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى! (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ