مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالا چولپانلارنى باشقۇرىدىغان ۋاقىت بولدى

2020.11.20 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئاتا-ئانىسىنىڭ توختىماي يېگۈزۈشى بىلەن، ئۈچ ياشلىق «يەپ-ئىچىش چولپىنى» پېي چىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 70 جىڭغا چىققان، ۋاڭ ۋاڭ ئىسىملىك ئالتە ياشلىق ئوغۇل بالا ئاتىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن كۆزىنى تېڭىپ، پولات سىمدا مېڭىشنى مەشىق قىلغان... يېقىندىن بۇيان، «ئۆزگىچە» قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىپ، ئامما ئارىسىدا قىزغىن غۇلغۇلا قوزغىدى.

  يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان «ئالاقە تورىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان ماركېتىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان ماركېتىڭ خادىملىرى ياكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى تىجارەت قىلغۇچىلار تەبىئىي ئادەم بولغاندا، چوقۇم 16 ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك.» زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پىكىر ئېلىش نۇسخىسى قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلارنى قوغداشنى قانۇن قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ئۈستىدە ئويلىنىشى، شۇنداقلا مەكتەپ، سۇپا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن سۇپىلىرىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇلار ئوماقلىق قىلىش، يۇمۇر ئورۇنلاش، ماھارىتىنى نامايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، قۇرامىغا يەتمىگەن قىسمەن چولپانلار ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇل تېپىش قورالى بولۇپ قالدى.

  قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلارنىڭ «تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر» ئارقىلىق باشقىلارنى جەلپ قىلىشىغا قارىتا، بەزى قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى. سىچۈەن فاباڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى لى جيازې مۇنداق دەپ قارىدى: قىسقا سىن ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى شەيئىلەرگە تەۋە بولۇپ، ئالاقىدار قانۇن-قائىدىلەر تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئۈلگىلىك رولى بار، ئەگەر جەمئىيەت كىچىك پېيچى قاتارلىق قىلىقى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلارغا ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قېلىپتىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ۋاقتىدا بولدى.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرامىغا يەتمىگەن چولپانلارنىڭ زىيادە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلاردا بەلكىم ئاتا-ئانىسىغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇمكىن؛ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى زىيادە ئاشكارىلىغاندا، بالىلار باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارى ۋە ماختىشىغا زىيادە تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ، بالىلارنىڭ رېئال تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ