مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە تەربىيەلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلىشى لازىم

2020.11.19 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بالا تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ يولدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار قول تۇتۇشۇپ بىللە مېڭىشى، بىر-بىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىشىنىشى كېرەك. ئائىلە تەربىيەسى بولمىغان مەكتەپ تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى بولمىغان ئائىلە تەربىيەسى ھەرگىزمۇ بالىلارنى تەربىيەلەپ ياراملىق ئادەم قىلىش بۇرچىنى يالغۇز ئادا قىلالمايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە-مەكتەپ ئورتاق تەربىيەلەشكە بولغان چۈشەنچىسى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئايرىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆز دائىرىسىدىكى خىزمەتنى ئاتا-ئانىلارغا ئارتىپ قويىدۇ، مەسىلەن ئاتا-ئانىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرگۈزىدۇ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار «ئىشتات سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى» بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، بالا تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى ھېچ ئىشقا ئارىلاشمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈشىنىشتە خاتالىق كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەت چېگراسى غۇۋالىشىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ تەربىيەلەشنىڭ سىرتقى يۈزىدە توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولىدۇ.

  ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە تەربىيەلەشنىڭ ئاچقۇچى «ئورتاق تەربىيەلەش»تە. مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش دەرىجىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەكتەپ مائارىپى ئاساسىي گەۋدە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ساپا مائارىپى ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم سورۇن؛ ئائىلە تەربىيەسى ئاساس بولۇپ، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسىدۇر. ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارمۇ «ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى» ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەكتەپ مائارىپىنى ئائىلىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئوخشاشلا ئائىلە تەربىيەسىنىمۇ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر يولىلا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تەربىيەلىگەندىلا، ئاندىن «2‹1+1» بولۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بالىلارنىڭ ھېسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن پىكىر ئالماشتۇرۇشلار، مائارىپ مەقسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەر، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئارىسىدا بىر كۆڭۈل كۆۋرۈكى بەرپا قىلالايدۇ.

  ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش − ئوقۇغۇچىلارغا ئىناق ئائىلە مۇھىتى ۋە مەكتەپ مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە پايدىلىق. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورنى كەم بولسا، ئورنى ئالمىشىپ قالسا بولمايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈنۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە تەربىيەلەش تەڭ قەدەمدە بولماسلىق، ماسلىشالماسلىقتەك توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ