شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىدە سىنلىق سۆز قىلدى

2020.11.13 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  ■ نۆۋەتتە، دۇنيا ۋەزىيىتىدە تېز ئۆزگىرىش بولدى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇنياۋى تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش لازىم؛ ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، جانلىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ ئۈچىنچى، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقنى قوغداش لازىم.

  ■ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات − دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنداقلا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمدۇر. ئىنسانلار دۇچ كەلگەن خىرىسقا قارىتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارازلىق پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىشىشى لازىم؛ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىگە بەخت يارىتىشى لازىم.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نويابىر 3-نۆۋەتلىك پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىدە «يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جانلىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىقنى بىرلىكتە كۆزلەيلى» دېگەن تېمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تېزلىشىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا دۇنياۋى تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چوڭ يول سەپىرى ئومۇم ئۈچۈندۇر. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات − دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنداقلا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمدۇر. ئىنسانلار دۇچ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارازلىق پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىشىشى؛ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ