شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپچىللىك، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنى بىرلىكتە يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2020.11.18 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ «ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنى بىرلىكتە يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئىنسانلار جەمئىيىتى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى چوڭ كاساتلىشىشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مۇشۇنداق بىر مۇھىم پەيتتە، مۇشۇنداق ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش دەۋر ئېقىمىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ، بىز خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئويلىشىشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلايدۇ، بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى تاقىمايدۇ، بارغانسېرى چوڭ ئاچىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بازىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ سىڭىپ، تاشقى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە بوشلۇق يارىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھەممىمىز بىر پاراخوتتا ئولتۇردۇق. بوران-چاپقۇندا، دېڭىز دولقۇنلىرىدا بىز يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دولقۇن يېرىپ تېخىمۇ يىراققا قاراپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتە ئۈچۈن يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك.

  بەش دۆلەت رەھبەرلىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، ئورتاق خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجادىي ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۇلۇغ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ