مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىچە دېھقانلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ بەرپا قىلىش لازىم

2020.11.18 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش ئاساس. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتىگە ئىگە قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. قاتلاملار بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى 17 مىليونغا يېتىپ، زور بىر تۈركۈم «ئېتىز بېشىدىكى زىيالىي»، «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەر مەيدانغا كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادىنى يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ بىرى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە بىر قىسىم دېھقانلار ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولۇپ، مائارىپ تەربىيەسىگە بولغان ئېھتىياج ناھايىتى زور، يېڭىچە دېھقانلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشتە يەنە ناھايىتى چوڭ بوشلۇق بار. ئەقىل ۋە ئىرادە دەل ئىچكى كۈچ، ئىچكى ئامىلدۇر، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئوخشاش ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادىنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش، سودا قىلىشتىكى تۈرلۈك ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، يېزا رايونلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەش تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دېھقانلار مائارىپىمۇ تېخىمۇ جىددىي ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلنى مۇكەممەللەشتۈرسەكلا، بىز چوقۇم يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، باشقۇرۇشقا ماھىر بولغان تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلار گۈزەل، دېھقانلار باياشات بولۇشتەك گۈزەل ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ