مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشنىڭ قوزغىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.11.18 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشنى تەۋسىيە قىلىش تۈزۈمىدىن نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمىگە تەڭشەپ، باھالاش مەسئۇلىيىتى، باھالاش ئۆلچىمى، باھالاش تەرتىپى قاتارلىق تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاش بويىچە سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشنى نازارەت قىلىش، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك... تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «دۆلەت پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاش نىزامى» بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېتەكچىلىكتە. ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئاكتىپ ئامىل، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا قوشۇنىنىڭ غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار بولۇپ، مۇھىمى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش كېرەك.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دۆلەت پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشتا مۇكاپات تۈرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باھالىغۇچىلارنى ياخشى تاللىدى، باھالاپ بېكىتىشنى ئىنچىكىلەشتۈردى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى يىلدىن-يىلغا ئۆستى، نوپۇزى ۋە ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمى قانۇن-نىزام قاتلىمىغا كۆتۈرۈلۈپ، مۇكاپاتلاشنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچەيتىلىپ، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى، شۇنىڭدەك باھالاش پائالىيىتىدە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاشنىڭ ھەققانىيلىقى، كەسكىنلىكى، نوپۇزى ۋە شان-شۆھرىتى نامايان قىلىنىپ، ئاكتىپ يۆنىلىش تۇرغۇزۇلۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىپ نەتىجە ھاسىل قىلغان، دادىل ھالقىشقا جۈرئەت قىلىدىغان پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرۈلۈپ، تولۇق غەيرەتكە كەلتۈرۈلدى.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش − ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ