لى كېچياڭ 23-قېتىملىق جۇڭگو ــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

2020.11.13 19:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 23-قېتىملىق جۇڭگو ــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ، تايلاند زۇڭلىسى با يۈ، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت، بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، لائوس زۇڭلىسى تۇڭلۇن، كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئائۇن پورنمونىروتخ، بىرما خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۆ دىڭ يىغىنغا قاتناشتى. لى كېچياڭ رۇەن چۈنفۇ بىلەن بىللە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن سىن شەكلىدە ئېچىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالاقىلىشىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. مەيلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بولسۇن چوقۇم ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىق يولىدا مېڭىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى. ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى مۈشكۈل ۋە جاپالىق، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك كۈچەيمەكتە. كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغىنى، شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇشقا يۈزلىنىپ، جۇڭگو ــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا سېلىنمىسى ۋەزىيەتكە قارشى ئېشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇ، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازارلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ