مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

2020.11.19 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» دە: «يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشتەك يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئىرادىسى بىلەن دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ مول يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن چەكسىز شەرەپ ۋە يۈكسەك بۇرچقا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىنى تىلەپ ئەكەلگىلى، سېتىۋالغىلى، قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.» پەن-تېخنىكا ساھەسى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى روشەن يېتەكچى قىلغان ئالىملارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت يۈزلىنىش»نى زىچ چۆرىدەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىغا قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش كېمىسىنىڭ پولات گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، پەن-تېخنىكا بىر خىل مىسلى كۆرۈلمىگەن قىياپەت بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئوخشاش مۇھىم دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ