خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسان سۇكىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: بىرمىنىڭ يېقىندا چوڭ سايلامنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سىز بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز، مەن سىز ۋە بىرما خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرما تاغ-دەريالىرى تۇتاش، قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر ياخشى قوشنىلار. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەن بىرمىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى قوللىدى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ