مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياخشى قوغداڭ

2020.11.16 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزام قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى (سانلىق مەلۇمات) نى قوغداشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىقلار خەلق بانكىسىنىڭ قائىدە-نىزام تۈزۈش خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى يولغا قويۇش چارىسى» 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، مەزكۇر يولغا قويۇش چارىسى ئەسلىدىكى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى قوغداش مەخسۇس قائىدىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۇچۇر توپلاش، ئاشكارىلاش ۋە خەۋەرلەندۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، ساقلاش ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەلالاشتۇرۇلدى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى ئادەتتە شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرى، مال-مۈلۈك ئۇچۇرى، ھېسابات ئۇچۇرى، ئىناۋەت ئۇچۇرى، پۇل مۇئامىلە سودا ئۇچۇرى ۋە مۇئەييەن شەخسنىڭ مەلۇم ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇھىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ قالسا، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەركىزىي بانكا كەڭ ئىستېمالچىلارنى شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى قوغداپ، تۆۋەندىكى يەتتە تەرەپنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى:

  بىرىنچى، كىملىك، بانكا كارتىسى، بانكا (چىقىم) ھېسابى قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلاش كېرەك، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئارىيەت بەرمەسلىك لازىم؛

  ئىككىنچى، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىق، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ھەر خىل يوللاردا شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە قالدۇرماسلىق لازىم؛

  ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئىمكانقەدەر ئۆزى بېجىرىش، تونۇش بولمىغان ئادەم ياكى ۋاسىتىچىگە ھاۋالە قىلماسلىق، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم؛

  تۆتىنچى، تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن، شەخسىي سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەندە، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئىشلىتىش ئورنىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك؛

  بەشىنچى، كارتا سۈركەپ ئىمزا قويۇپ سېتىۋېلىش تالونى، پۇل ئېلىش ھۆججىتى، كرېدىت كارتىسىنىڭ ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونى قاتارلىقلارنى خالىغانچە تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، بىكار قىلىنغان پۇل مۇئامىلە كەسپى تالونلىرىنى ۋاقتىدا كۆيدۈرۈۋېتىش لازىم؛

  ئالتىنچى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى، پوچتا يوللانمىسى ۋە ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشنى خالىغانچە چەكمەسلىك، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىككى ئۆلچەملىك كودنى خالىغانچە سىكاننېرلىماسلىق، ئاممىۋى WiFi، مەخپىي شېفىرسىز WiFi نى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم؛

  يەتتىنچى، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ