مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2020.11.16 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-نويابىر نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشىغا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى نەزەرىيەۋى نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتىدۇر. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ غوجايىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەت قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ