مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم

2020.11.17 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.» شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

  يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق − تەرەققىياتنى تۇتقانلىقتۇر، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك − كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىكتۇر. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، دادىل بۆسۈپ ئۆتۈش، دادىل سىناشتىن ئىبارەت ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى «بىر بۆسۈش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە «ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىش» رولىنى ئوينىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر قاتار دادىل سىناقلار بولمىغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغىلى بولمايتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات − بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار − بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش − بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ ئىسلاھات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى پوتېنسىئال ئېنېرگىيەنى ئۆستۈرگەندىلا، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. شېنجېننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرغاندىلا، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىدە زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جېنى. ئالاھىدە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى − غايەت زور جاسارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىلىق يارىتىشتۇر، مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان يېڭىلىق يارىتىشتۇر، ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتۇر. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۇرۇقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەندە، بىز چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ