مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ئارقىلىق جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم

2020.11.16 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش − ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پەلسەپىۋى ئاساسى. ئېنگىلس ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى ئىلمىي تەتبىق قىلغۇچى ۋە بوشاشماي ئىلگىرى سۈرگۈچى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشلىرى ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان. ئېنگىلس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى مۇناسىۋىتى ھارپىسىدا، ئۇنىڭ ماتېرىيالىستىك تارىخىي قارىشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ شەرھلەپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ئارقىلىق جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ماركس، ئېنگىلسنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاپىتالىزمنىڭ «شەھەر ئاھالىسى جەمئىيىتى» ساھەسىگە يەنى «ئىقتىسادىي پاكىت» ساھەسىگە چوڭقۇر چۆكۈش ئىنتايىن زۆرۈر. ماركس كاپىتالىزمنىڭ «شەھەر ئاھالىسى جەمئىيىتى»نى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان چاغدا، ئېنگىلسمۇ كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ «ئىقتىسادىي پاكىت»ىنى تەنقىدىي ئىگىلەش ئۈچۈن ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىگە كىرگەن. ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ بەرپا قىلىنىشى سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەنقىدىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھەمدە مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئارقىلىق قانۇن، سىياسىي ۋە ئىدىيە قاتارلىق ئۈستقۇرۇلما مۇھاكىمىسىنى «ماددىي تۇرمۇش مۇناسىۋىتى» ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن.سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەنقىدى ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى ئاساس قىلىدۇ، پەقەت مۇشۇ ئاساستىلا ئىقتىسادشۇناسلىق كاتېگورىيەسى، قانۇنىيىتى قاتارلىقلار ئىجتىمائىي رېئاللىققا يىلتىز تارتقان، تارىخىي يوسۇندا تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن، دەپ قارىلىدۇ. ئېنگىلس مۇشۇ ئىككى جەھەتتە ئىجادىي تۆھپە قوشۇپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى كەڭ كۆلەمدە قوللاندى ۋە چوڭقۇر شەرھلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ