مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش لازىم

2020.11.18 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يۈز يىلغا يېقىن كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر يېتەرلىك سەگەك بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقىنى ساقلاش، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچكە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن تۇتۇپ، چىن دىلىمىزدىن ئىشلىشىمىز، ئەمەلىي، كىشىنى رازى قىلىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  ھەرقانداق پارتىيە مۇئەييەن سىياسىي نىشاننى ئورۇنداش ئۈچۈن قۇرۇلغان سىياسىي تەشكىلاتتۇر. ماركسىزملىق پارتىيە بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ھەمدە پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئايرىلغاندا، پارتىيە قۇرۇلۇشى نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولىدۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مېخانىزم − تۈزۈمنى تايانچ قىلىپ بەرپا قىلىنغان، ئېنىق نىشان، يولغا قويۇش لايىھەسى، كاپالەت تەدبىرى ۋە قايتما ئىنكاس يولى بولغان خىزمەت سىستېمىسى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش ئارقىلىق تارقاق چارىلەرنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىلمىي خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ