شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ يىغىندا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.11.16 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  ◆ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، رايون تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، تاغ، سۇ، ئادەم، شەھەر ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تومۇرى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  ◆ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەرق، ئوتتۇرا، غەربتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلىكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك ئورنى گەۋدىلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

  ◆ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ۋادىنىڭ سىستېمىلىق خاراكتېرىدىن چىقىش قىلىپ، تېگى-تەكتىگىچە سۈرۈشتۈرۈپ، سىستېمىلىق داۋالاش لازىم، مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك

  ◆ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىدا ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك

  ◆ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دېڭىز، دەريا بويى ۋە چېگرا بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش يۇقىرى پەللىسىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كىرگۈزۈش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى مەبلەغدىن تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك پايدىلىنىش كېرەك

  ◆ كەسىپ ئاساسىنى ئالىيلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قارىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى ئالىيلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولۇشنىڭ بىر پۈتۈن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك

  ◆ چاڭجياڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  ◆ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىشلارنى خۇددى تۆمۈردە ئىز قالغۇدەك، تاشتا ئىز قالدۇرغاندەك چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، چىگىش نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پىلاننى ئاخىرىغىچە تۈزۈپ ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈزۈك سۈيىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملىشىشى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، رايون تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، تاغ، سۇ، ئادەم، شەھەر ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تومۇرى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ