مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىيالېكتىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم

2020.11.16 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئېنگىلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بىر مىللەت ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرماقچى بولىدىكەن، نەزەرىيە تەپەككۇرى بولمىسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، ئوخشاشلا نەزەرىيە تەپەككۇرى بولمىسا بولمايدۇ»، دېگەن ئىدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىل نەزەرىيە تەپەككۇرىغا تېخىمۇ موھتاج.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەشنى ئۆيگە قاراش ئىقتىدارى قىلىش كېرەك»، «ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ئىچىدىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپكى ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نەزەرىيە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىش بويىچە دولقۇن يېرىپ، يەلكەننى كۆتۈرۈپ يىراققا سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ