مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتناشتى

2020.11.13 19:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2020-يىللىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە مۇنداق ئۈچ تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇلۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى ئالدىنقى شەرت ئاساسى بىلەن تەمىنلەندى. ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى پۇختا، ياخشى ئىشلىنىپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتى تۇراقلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ماكرولۇق تەڭشەشتىكى ئۆلچەم ياخشى تۇتۇلۇپ، سىياسەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگونىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلايمىز، قەدەمنى ياخشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ