مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلاش لازىم

___ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2020.11.18 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ: «ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» دەپ كۆرسەتتى؛ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان، ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى باشلاپ، مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېلىمىز دۇنيا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالىنى تۇنجى بولۇپ كونترول قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى تۇنجى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد بار، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت پات ئارىدا مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئۇلۇغ رىۋايىتىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى، چوڭقۇر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى، ئاجايىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئۇلۇغ كۈچى، ھەقىقەت ئۇلۇغ كۈچى، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ