مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سىياسەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەكشى، مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى

2020.11.18 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋاڭ چاڭلىن، شۈ شىتاۋ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە جېڭتەي گۇرۇھى، ليەنيىڭ داۋالاش پەن-تېخنىكا شىركىتى، يۇڭخۇي تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە تاشقى مۇھىتقا بولغان كۆز قارىشىنى سۆزلىدى، دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادتا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك يەنە ماكرو سىياسەت، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق ئالاھىدە، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش بىلەن مىكرو ئېھتىياجنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى چۆرىدەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ماكرولۇق سىياسەت كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بولدى. مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىمۇ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسى تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى. ھازىر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىش، ھەم قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىقنى تولۇق ياخشى قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ