لى كېچياڭ 4-قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

ھەر قايسى تەرەپلەر رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى

2020.11.16 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4-قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت ۋە كورېيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كۈن، 15 دۆلەت رەھبەرلىرى RCEP نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولماقتىمىز. دۇنيا بويىچە قاتناشقان نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەزا قۇرۇلمىسى ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئەركىن سودا رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يالغۇز شەرقىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئىنتايىن زور ۋەكىللىك ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنىڭ غەلىبىسىدۇر. RCEP كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون سودىسىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر چېكىندى، خەلقئارا سودىغا مەبلەغ سېلىش ئازىيىپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىللىك كۈچىيىپ كەتتى. سەككىز يىللىق سۆھبەت ئارقىلىق، RCEP نۆۋەتتىكى ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىمزالىنىپ، كىشىلەرگە تۇمان ئىچىدە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنى كۆرسەتتى، بۇ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنىڭ داغدام يول، توغرا يول ئىكەنلىكىنى، ھېلىھەم دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش توغرا يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ كىشىلەر خىرىس ئالدىدا توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى تاللىدى، قوشنىلارغا ئورا كولاش، چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشنى تاللىدى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش − ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ھەمىشە تۈپتۈز بولىۋەرمەيدۇ، بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشساقلا، چوقۇم شەرقىي ئاسىيا، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ