مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش لازىم

___ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىلھامى (5)

2020.11.17 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، نۇرغۇن تۈرلۈك يۇقىرى قاتلاملىق جابدۇقلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نامايان قىلدى، كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى بويىچە يامرىغان، دۇنيا ئىقتىسادى ئىزچىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، بۇ دۇنيا سودا كاتتا بەزمىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش تەرەققىياتنى ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك قىلغاندا مۇقەررەر ئارقىدا قالىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش − دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى سىجىل كېڭەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات شارائىتى ۋە مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قەتئىي قوغدىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  ئېچىۋېتىش − بىر خىل تەجرىبە، ئەقىل-پاراسەت، شۇنداقلا بىر خىل خاراكتېر، مەنزىلدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلدى، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلساق، بىز چوقۇم بوران-چاپقۇنسىز ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ