مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توردا مال سېتىۋالغاندا «ئويدۇرما ئەسلىي باھا»نىڭ قىلتىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

2020.11.19 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [دىلو مىسالى] فېڭ ئەپەندى مەلۇم پەن-تېخنىكا شىركىتى تىجارەت قىلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن «ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى» دىن تۆتنى سېتىۋالغان. بۇ تاۋارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بېتىدە «باھاسى 2199 يۈەن، سېتىشنى تېزلىتىش باھاسى 1799 يۈەن، بۈگۈنكى ئالاھىدە باھا، دۇكىنىمىزنىڭ پائالىيىتىدە 200 يۈەنگە توشسا 5 يۈەن كېمەيتىلىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ ئەمەلىي تۆلىگەن پۇل 1794 يۈەن بولغان. سېتىۋالغان چاغدا، خېرىدار مۇلازىمەتچىسى فېڭ ئەپەندىگە 2199 يۈەننىڭ ئەسلىي باھا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما كېيىن فېڭ ئەپەندى باھانىڭ باشتىن-ئاخىر ئەسلىي باھاغا قايتمىغانلىقىنى بايقىغان، ئالدانغاندەك ھېس قىلغانلىقتىن، فېڭ ئەپەندى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، شۇ پەن-تېخنىكا شىركىتىدىن ئۈچ ھەسسە تۆلەم تەلەپ قىلغان.

  سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ پەن-تېخنىكا شىركىتى تاۋار تەپسىلىي بېتىدە كۆرسىتىلگەن باھاغا قارىتا زۆرۈر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسىنىڭ قايتۇرغان جاۋابىدىمۇ 2199 يۈەن باھانىڭ تاۋارنىڭ ئەسلىي باھاسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار قايمۇقتۇرۇلۇپ، بۇ تاۋارنىڭ 2199 يۈەن بويىچە سېتىلىش خاتىرىسى بار دەپ قارىغان. بۇ، ئەسلىي باھانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختا ئېتىبار بېرىش قىلمىشىغا تەۋە بولۇپ، باھا ئالدامچىلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ پەن-تېخنىكا شىركىتى 1799 يۈەننى سېتىشنى تېزلىتىش باھاسى قىلغان بولۇپ، ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى ئۇچۇرى تارقاتقان. ساختا باھا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىبار بېرىش دەرىجىسىگە قارىتا خاتا تونۇش پەيدا قىلىپ، سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغان، شۇڭا مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق باھا ئالدامچىلىقى ئىستېمالچىلارنى ئالداشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى بۇ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىستېمالچىلارغا ئۈچ ھەسسە تۆلەم بېرىشىنى ھۆكۈم قىلدى.

  [باھا] «ئەسلىي باھانى ئويدۇرۇپ چىقىرىش» − تىجارەتچىلەر سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىدە ئىزاھلىغان ئەسلىي باھا ساختا، ئويدۇرما بولۇپ، سودا خاتىرىسى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان «باھا ئالدامچىلىقىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»دە ئېنىق قىلىپ، تىجارەتچىلەر ئەسلىي باھانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختا ئېتىبار بېرىپ، باشقىلارنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرغان بولسا، باھا ئالدامچىلىقىغا تەۋە بولۇشى كېرەك، دېيىلگەن. سودىيە مۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، سودىگەرلەر مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلغاندا قانۇن ۋە ئاممىۋى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، قويۇلغان باھا مەھسۇلاتنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى، سۈپىتىگە ماس كېلىشى كېرەك، باھا ئالدامچىلىقى ياكى ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

  سودىيە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىستېمالچىلار سودىگەرلەرنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ھاياجانلىق ئىستېمالدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، توردا مال سېتىۋالغاندا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىستېمالچىلاردىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسىلە كېلىپ چىققاندا، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھەل قىلىنسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېيىنكى ھوقۇقىنى قوغداشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارمۇ سودا خاتىرىسى، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قويۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ