مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.11.19 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇكەممەل بولغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. خەلقئارا تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئادەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى تېز تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك يېڭىچە مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مۇلازىمەت ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شەكلى كۆپ خىل مۇلازىمەت ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى.

  جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشتىكى تىپىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تىپىك ئەندىزىنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئۆگىنىشكە، ئىشلىتىشكە بولىدىغان، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان ئۆلچەم بويىچە 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تىپىك مىسالىنى تاللاپ بېكىتتى، يېقىندا يەنە 24 تىپىك مىسالنى ئېلان قىلدى. بۇ مىساللارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، بازار يېتەكچىلىك قىلىدىغان، سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك، شەكلى كۆپ خىل، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پۈتۈن زەنجىر مەنپەئەتلىنىدىغان، كۆپ مەنبەلىك، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. «كۆپ مەنبەلىك» دېگىنىمىز، سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك بولۇش، مۇلازىمەت كۆپ مەنبەلىك بولۇش ۋە ئەندىزە كۆپ مەنبەلىك بولۇشنى، «ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» بولسا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  بىرىنچىدىن، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكت − يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان مۇلازىمەت سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرى بويىچە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، باشلامچى كارخانىلار، كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات قاتارلىق سۇبيېكتلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمىتى ۋە تىجارەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە كەڭ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە قارىتىلغان ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋىي پاراۋانلىق مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ