مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەۋقەنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، دەۋر يېڭى ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم

2020.11.19 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ − دۆلەتنىڭ چوڭ پىلانى، پارتىيەنىڭ چوڭ پىلانىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «‹ئىككى 100 يىل›لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلارغا، مائارىپقا تايىنىش كېرەك.» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا مائارىپنىڭ ئۇللۇق، باشلامچىلىق، ئومۇمىيلىق ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ بىزدىن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، دەۋر يېڭى ئادەملىرىنى تەربىيەلەپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى كۆپ يۈز بېرىش، تۆۋەن ياشلىقلار كۆپىيىش يۈزلىنىشى توغرىسىدا تەستىق سالدى؛ مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدىكى پېشقەدەم پىروفېسسورلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، گۈزەللىك تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى؛ 2018-يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، ئەمگەك تەربىيەسىنى سوتسىيالىزىم قۇرۇغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئومۇمىي تەلىپى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق تەربىيەلەيدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى؛ يېزا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر بىر ئادەمنى ھاياتىنى رەڭدار قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىز مائارىپىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئىنسانىي پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ